Uyghur主要词典
تەڭرى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاللا، خۇدا:
دېدى: ئەي شەھەنشاھ گەردۇن نەما،
سېنى تەڭرى قىلمىش مىسالى ھۇما.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، دۇنيانى ياراتقان ۋە ئۇنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان زات، ئىسلام دىنىدا ئىلاھ.
خۇدا قارغۇغا قانداق قارىسا، قارىغۇمۇ خۇداغا شۇنداق قارايدۇ.ئاللانىڭ ئالقنىدىكىدىن باشقىنى سورىما. ئاللاتائالا تۈلكىگە ئارسلاننىڭ ھەيۋىسىنى بەرمىگەي. با رەببى، ئۆز پاناھىڭدا ساقلا. رەببانا بەرمىگەننى موللا نەدىن بىرەر. ئىلاھا، تازغا تىرناق بەرمىگەيسەن. تەڭرى گۆشنى چىشى يوققا بىرەر. تەلۋە ئات مىنسە تەڭرىنى ئۇنتار. ياخشىلىق قىل، بالىق بىلمىسە، خالىق بىلەر. ھەقتائالا بەرمىگەننى باي بەرمەس. ياراتقان ئىگەم، مەن ساڭا دوست، كەلگەن بالانى توس. ياراتقان ئىگەم يار بولسا، يەر يۈزى ياۋ بولسىمۇ مەيلى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەڭرى، ئەزىز ۋە ئۇلۇغ تەڭرى.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تويىن تاپۇغساق تەڭرى سەفىنچسىز _ تويىن تەڭرىگە تېپىنغاق، لېكىن تەڭرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن مەمنۇن ئەمەس. كاپىرلارنىڭ دىنىي باشلىقلىرى ئۇلۇغ تەڭرىگە ئىبادەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇلۇغ تەڭرى ئۇلارنىڭ ئىشىدىن رازى ئەمەس. بۇ ماقال ئۆز ىشىنى بەزىلەرگە ياقىدۇ دەپ گۇمان قىلغان، ئەمما ئۆز ئىشى كىشىلەرگە ياقمىغان ئادەملەر ئۈچۈنلا ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تۈن كۈن تاپۇن تەڭرىگە بويناماغىل
قورقۇپ ئاڭار ئەيمەنۈ ئويناماغىل
«تەڭرىگە تۈن - كۈن تېۋىن، بويۇنتاۋلىق قىلما،
ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئەيمەن، ئوينىمىغىن.»
كېچە - كۈندۈز ئۇلۇغ تەڭرىگە ئىبادەت قىل، يولدىن چىقىپ ئاداشما؛ تەڭرىدىن ھايا قىل،ئۇيالغىن، قورق، ئوينىما.
خۇدا ئۇرغۇر كاپىرلار ئاسماننى « تەڭرى» دەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنگەن ھەر قانداق نەرسىنى _ ئېگىز تاغ، يوغان دەرەخلەرنىمۇ « تەڭرى» دەيدۇ. شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرگە سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار يەنە بىلىملىك ئادەمنى « تەڭرىكەن» دەيدۇ. مۇنداق ئازغۇنلۇقتىن خۇدا ساقلىسۇن.
3 - 514
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەڭرى، ئىلاھ؛ ئاسمان؛ <تڭرى> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خۇدا، ئاللاھ، پەرۋەردىگار.
مەن قىلارمەن ئوتتۇز، تەڭرى قىلار توققۇز (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئىلاھ، تەڭرى، ئاسمان؛ ھەيۋەتلىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئىلاھ، تەڭرى؛ ئاسمان؛ ھەيۋەتلىك. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.