Uyghur主要词典
تەقلىد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئەمەل قىلىش>، <دوراش> دېگەنلىك بولىدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ خاس فىقھە ئاتالغۇسىدۇر. (1) ئوتتۇرا ئەسىردە كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ جامائەت ئېتىراپ قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى نوپۇزلۇق فەقىھلەرنىڭ تەلىمات، پرىنسىپ، كۆز قاراشلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، باشقىچە يول تۇتماسلىقى، قاراشلىرىنى خالىغانچە ئېلان قىلماسلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. Ⅸ ئەسىردىكى فىقھە سىستېمىسى شەكىللىنىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ئاساسىي پرىنسىپ بولۇپ، كەڭ فەقىھلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. (2) ئىجتىھادقا قارىمۇقارشى مەنىدىكى سۆز بولۇپ، چۈشۈرۈش مەنىسىگە ئىگە. ئىسلام مۇدېرنىزمىنىڭ قارىشىچە، بۇرۇنقىلارنىڭ تەلىماتىنى كېيىنكىلەر جانلىق چۈشەندۈرۈشكە ھەقلىق. كونا ئەنئەنىلەرگە ئېسىلىۋالماسلىق لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلارغا ئەگىشىش، ئوخشىتىش، دوراش، ئوخشاتما.
تەقلىد قىلماق.
<تىل> ئۇيغۇر تىلى سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى، يەنى كىشىنىڭ ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى ۋە ھېسسىي سېزىمىگە تەقلىد قىلىنغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ۋاراڭ - چۇرۇڭ، ئىمىر - چىمىر، جىغ، پىچىر - پىچىر دېگەنگە ئوخشاشلار.
<ئەد> ئەمەلىي ئېھتياجغا ئاساسەن ئادەم ۋە جانلىق، جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئاۋازىنى، ھالىتىنى ئۆز پېتىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى.