Uyghur←Chinese主要词典
تەڭپۇڭ خالتىسى
بىئولوگىيە
平衡囊
pínghéngnáng
سىتاتوتسىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئومۇرتقۇسىز ھايۋانلارنىڭ مەخسۇس تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرىدىغان سەزگۈ ئاپپاراتى. ئۇ ھىم ئېتىلگەن ياكى ئوچۇق خالتىسىمان بىر تۈزۈلۈشتىن ئىبارەت. ھىم ئېتىلگەنلىرىنىڭ خالتا ئىچىدە تاش ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاجرىلىشىدىن شەكىللەنگەن تەڭپۇڭ تېشى، خالتا دىۋارىدا كىرپىك تۈكلۈك سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ؛ ئوچۇقلىرىنىڭ خالتا ئىچىدىكى قۇم تاشلىرى سىرتتىن كەلگەن بولۇپ، قىلچىق تۈكلەر تىرەپ تۇرىدۇ. تەڭپۇڭ تېشى نۇرغۇنلىغان مىكرو دانىچىسىمان قۇم تاشلىرىدىن ياكى بىردانە چڭ تاش پارچىسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئايسىمان مېدۇزا قاتارلىق ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلارنىڭ كۈنلۈك گىرۋىكىدىكى سېزىش بارماقلىرىنىڭ خالتىسىدا ئېندوبلاستتىن ئاجرىلىپ چىققان، كالتسىي ماددىسىدىن شەكىللەنگەن مىكرو دانىچىسىمان تەڭپۇڭ تاشلىرى بولىدۇ؛ جۈپ راك قاتارلىق بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ تەڭپۇڭ خالتىسى كىچىك ئانتېننىسىنىڭ تۈۋىدىكى قىلچىق تۈك توپلىمى ئارىسىغا جايلاشقان؛ نۇرغۇنلىغان مولليۇسكلارنىڭ تەڭپۇڭ خالتىسى پۇت قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تېرىسىنىڭ قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان كىچىك ھۈجەيرىدىن شەكىللەنگەن، ئىچىدە تەڭپۇڭ تېشى ۋە خالتا دىۋارىدىن ئاجرالغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، نېرۋىسىنىڭ بىر تەرىپى پۇت نېرۋا تۈگۈنىگە، يەنە بىر تەرىپى مېڭە نېرۋا تۈگۈنى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى؛ بەدىنى ھەرىكەتلەنگەندە تەڭپۇڭ تېشى ئەگىشىپ سىلجىپ سەزگۈ تۈكچىلىرىگە ئۇرۇلىدۇ - دە، سەزگۈ تۈكچىلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە بەدەنگە بوشلۇقتىكى ئورنى ۋە يۆنىلىشىنى سەزدۈرىدۇ.