Uyghur主要词典
تەنزىمەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش> دېگەنلىك بولۇپ، ئەسلىي ئىسلاھات نىزاملىرى كۆزدە تۇتۇلغان. تۈركىيىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئىسلاھات ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى تۈركىيىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدە ياۋروپادا تەربىيلەنگەن بىلىملىك ئەمەلدارلار قاتلىمى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە ۋەزىر بولغان مۇستاپا رەشىد بۇ قاتلامنىڭ داھىيىسى بولدى. ئۇلار سۇلتان مەھمۇد Ⅱ (1808 - يىلىدىن 1839 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) نىڭ ئىسلاھاتى ئىمپېرىيىنى مۇنقەرز بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ، دەپ قاراپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. يېڭىدىن سۇلتان بولغان ئابدۇل مەجىد (1839 - يىلىدىن 1861 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) ئوردا گۈللۈكىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋە چەت ئەلچىلەرگە تۆۋەندىكى <ئىسلاھات پەرمانلىرى> نى جاكارلىدى: ئىمپېرىيىدىكى جىمى ئادەمنىڭ دىنىي ئېتىقادى پەرقلەندۈرلمەي ھەممىسىنىڭ جىسمانىي، نام - ئابرۇيى ۋە مال - مۈلكى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ مۇقىم باج نىسبىتى بېكىتىلىپ، باجنى ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا دائىر مۇۋاپىق تۈزۈم تۇرغۇزۇلىدۇ. ئەسكەرلىك ۋاقتى بەش يىل بولىدۇ. پەرماندا مەنسەپ ساتىدىغان، خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قىلىدىغان قىلمىشلار ئەيىبلىنىپ، جىنايەت سادىر قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش ئېلان قىلىندى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قاتار پەرمانلار ئېلان قىلىنىپ، سوت، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئارمىيە ۋە مائارىپ ئورگانلىرى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى. دىنىي جەھەتتە ئۇقۇبات، سودا قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ، شەرىئەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ دىندىن تاشقىرى سوت تەسىس قىلىنىپ، مەھكىمە شەرئى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلدى. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى شەيخۇل ئىسلام تەۋەلىكىدىكى دنىي يوقىرى قاتلام كۈچىلىرىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇلارنىڭ قاتتىق نارازلىقىنى قوزغىدى. كېيىن مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا، ئىسلاھاتقا كۈچ چىقارغان باش ۋەزىر مۇستاپا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئىسلاھاتچىلار تەدرىجىي جىمىپ كەتتى.