Uyghur←Chinese主要词典
تەنتەربىيە پسىخولوگىيىسى
پسىخولوگىيە
体育心里
tǐ yù xīn li
بۇ پسىخولوگىيىلىك بىر تارمىقى بولۇپ، ئادەمنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتى ماھارىتى مۇسابىقىلىرىدىكى (تەنھەرىكەتنىڭ) پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ پەن تەنتەربىيە دەرسى، تەنتەربىيە مەشىقى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەر چوڭ مۇسكۇللار ھەرىكىتى بولۇپ، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىدىكى ھەرىكەتلەردە ئادەم ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىدە جىددىيلىشىدۇ. پسىخىك پائالىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە قانۇنىيەتلەر ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئالاھىدە ساھە تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى، جىسمانىي ۋە پسىخىك تەرەققىيات بىلەن ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەرىكەتنى ئۆگىنىش جەريانى، ماھارەت مۇسابىقىسى ھالىتىدىكى پسىخىكا، پسىخىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈش، مەشىق قىلىش، تەنتەربىيە ئۆگىنىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلار.