Uyghur主要词典
تەنتەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىقىلىرى ئادەتتىكىدىن جىددىيرەك؛ كۆپىنچە بالىلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر. دۆلەتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى. بەڭباشنىڭ سۆزى ئۆز بېشىغا چىقىدۇ. شوخ بولساڭ مازاغا بار، بىكار بولساڭ بازارغا. بالا بولسا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا. سەمەت قارىمنىڭ بالىسى يۇنۇس تازا كەپسىز بالا بوپتۇ. قۇرغۇ ئەر _ تەنتەك ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاسمانغا پىچاق (مۇشت) ئاتىدىغان. ئويۇنچى، تىنىم تاپمايدىغان.
ياۋاش
تىپتىنچ يۈرىدىغان، گەپكە كىرىدىغان.
بالا بولسا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا. دۆتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى. تەنتەك خۇشامەت بىلەن قولغا چۈشىدۇ. بەڭباشنىڭ سۆزى ئۆز بېشىغا چىقىدۇ. كەپسىزنىڭ كېپىنى تەييار. ئاسىم ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان بالا بوپتۇ. يامان بولساڭ ئاسىدۇ، ياۋاش بولساڭ باسىدۇ. ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆزىنى توختاتمىغان، شوخ.
ئۇ ھازىر ياشلىق يىللىرىدىكىدەك قارام ۋە تەنتەك ئەمەس ئىدى.
بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئالدى - كەينىنى، ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىمايدىغان؛ ئالدىراڭغۇ.
تەنتەك ئادەم. تەنتەك بالا.
توسۇق، ئويناق.
مەشۇرئاخۇن بولسا تەنتەك تورپاقتىن ئېھتىيات قىلىپ، بۇقۇسىغا يانپىشىچە يۆلىنىپ تۇراتتى.