Uyghur←Chinese主要词典
تەن بوغۇمى
بىئولوگىيە
体节
tǐjié
ھايۋان گەۋدىسىدىكى تەكرار مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان بوغۇم بۆلەكلىر5. (1) تەن بوغۇملىرىنىڭ بولۇشى بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار تىپىدىكى ھايۋان بەدىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. بۇ تىپتىكى كۆپ قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى بوغۇمى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر بوغۇمىدىن باشقا قالغان بوغۇملىرىنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ھەربىر بوغۇمىدا ھالقىسىمان قان تومۇرى، ئاجرىتىپ چىقىرىش نەيچىسى ۋە نېرۋا تۈگۈنى قاتارلىقلار بولىدۇ. (2) خوردىلىق ھايۋانلار تۆرەلمىسىنىڭ تۆرەلمە قەۋىتى دىففېرېنسىيىلىنىش ھەم ئورگانلار شەكىللىنىش جەريانىدا خوردىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى مېزوبلاستنىڭ بوغۇملىنىش ھادىسىسى. ھەرقايسى بوغۇملىرى سۆڭەك ھاسىل قىلىش بوغۇمى، تېرە ھاسىل قىلىش بوغۇمى ۋە مۇسكۇل ھاسىل قىلىش بوغۇملىرىغا دىففېرېنسىيىلىنىدۇ. مۇسكۇل ھاسىل قىلىش بوغۇمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغاچقا <مۇسكۇل بوغۇمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زىخچە بېلىقنىڭ مۇسكۇل بوغۇمى <V> شەكىللىك بولۇپ، ئۇچلۇق تەرىپى ئالدىغا قارىغان بولىدۇ.
ئاناتومىيە
体节
tǐ jié