Uyghur主要词典
تەم تەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
«تەم - تەم»تامچە - تامچە، قەترە - قەترە:
سەر - بەسەر سۇرئەتدىن ئول ئارەز ئۆز تەم - تەم ئەرەق،
نەۋنىھال ئۈستىدە قۇدرەت يېلىدىن شىرىن سەمەر.
ئەرشى.
شىۋىلەر
چېكىم - چېكىم؛ ئانچە - مۇنچە، ئاندا - ساندا. مەسىلەن: تەم - تەم مېڭىپتۇ، ئانچە - مۇنچە مېڭىپتۇ (كىچىك بالا). مەسىلەن:
تەم - تەمگىنە چېچەك داغى باردۇر يۈزۈڭدە،
مەن ساڭا ئاشىق بولدۇم شىرىن سۆزۈڭگە.