Uyghur主要词典
تەلئەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈز، بەت، چىراي؛ كۆرۈنۈش، ھۆسىن، گۈزەللىك:
بىرىنىڭ ئىكى قاشىدۇر ياڭى ئاي،
بىرىنىڭ تەلئەتىدۇ ئىيدى ئەكبەر.
ئاتايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈز، چىراي، گۈزەللىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
دۇنيا تارىخى
(1872 - 1921). 1913 - 8191 - يىللاردىكى ياش تۈرك پارتىيىسى ھۆكۈمىتى <ئۈچ ھاكىم> نىڭ بىرى. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدا پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بولغان ھەمدە ياش تۈك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1913-يىلى ياش تۈرك پارتىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش ياساپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئەنۋەر، كاماللار بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە پەرەس سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تۈركىيىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەزاسى سۈپىتدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1921-يىلى بېرلىندا قەتل قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تەلەت
① بەختى كەلگەن، ② كۆرۈنگەن، يۇقىرى ئۆرلىگەن، ③ چىراي، ئۇبراز