Chinese→Uyghur主要词典
特伦特号事件
دۇنيا تارىخى
<ترېنت> ناملىق پاراخوت ۋەقەسى
ئامېرىكىدىكى جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ <ترېنت> ناملىق پوچتا پاراخوتىنى توسقانلىق ۋەقەسى. 1861-يىلى كۈزدە، توپىلاڭچى جەنۇب ئىتتىپاقى ماسون (1798 - 8711)نى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىگە ئەلچىلىككە يوشۇرۇن ئەۋەتكەن. ئۇلار كۇبادا ئەنگلاىيىنىڭ <ترېنت> ناملىق پوچتا پارخوتىغا يۆتكەلگەن. ئامېرىكا قوشما شتاتلار ھككۈمىتىنىڭ <سېن ياسىنتو> ناملىق ھەربىي پاراخوتىنىڭ باشلىقى ۋىلكېس (1798 - 1877) ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن خەۋەر تېپىپ، پارفخوتنى باشلاپ بېرىپ پاناما بوغىزىدا توسۇۋېلىپ، <ترېنت> ناملىق پاراخوتنى جەنۇب ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى ئەلچىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. ئەنگلىيە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولغان. ئامېرىكا قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇب ئىتتىپاقىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، بۇ ھەرىكەت ئاۋۋال <ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئالماي> تۇرۇپ قىلىنغان دېگەن باھانە بىلەن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ناماقۇل بولغان ھەمدە 1862-يىلى 1-ئايدا قولغا ئېلىنغۇچىلاrنى قويۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ۋەقە ھەل بولغان.