Chinese→Uyghur主要词典
特仑甘纳起义
دۇنيا تارىخى
تېلېنگانا قوزغىلىڭى
ھىندىستان كومپارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى. 1946 - يىلى 6-ئايدا ھەيدەر ئاباد شتاتىدىكى تېلېنگانا رايونىنىڭ نالگوندا ناھىيىسىدە پارتلىغان. قوزغىلاڭچى دېھقانلار كوممۇنستلارنىڭ رەھبەلىكىدە، زېمىندارلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلىمىغا قارشى تۇرۇپ، ھەر قايسى كەنتلەردە قوراللىق كۈچلەرنى بەرپا قىلغان، كەنت خەلق كومىتېتىنى سالىغان، خەلق سوتىنى قۇرغان، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، مەجبۇرىي ئەمگەكككە سېلىشنى ۋە ئېغىر باج - سېلىقلارنى بىكار قىلغان ھەمدە ھەيدەر ئاباد شتاتلىق ۋە ئېغىر باج - سېلىقلارنى بىكار قىلغان ھەمدە ھەيدەر ئاباد شتاتلىق ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1948-يىلىنىڭ باشلىرىدا، قوراللىق كۈرەش بىر مەھەل كېڭىيىپ، تەخمىنەن 3000 كەنت، 3 مىليون ئاھالە بار رايونغا يەتكەن، شۇ يىلى 9-ئايدا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، مىڭلىغان كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. 1951-يىلى 10-ئايدا، ھىندىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، <تېلېنگانا رايونىدىكى پائالىيەتنى توختىتىش توغرىسىدىكى بايانات> نى ئېلان قىلغان، پارتىزانلار ئەترىتى تارقىتىۋېتىلگەن، نۇرغۇنلىغان پارتىزانلار قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.