Uyghur主要词典
تەلپۈنمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسە، شەخس ياكى تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرماق، قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماق.
ئاچكۆز ھەممىگە ئىنتىلەر، ئىنتىلگەنگە يېتەلمەس. ھەقىقىي ياخشىلىققا ھەممە كىشىنىڭ قەلبى تەلپۈنىدۇ. تەمشەلگەنگە ئىش پۈتمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تەمشەلمەك، ئىنتىلمەك.
شۇ ھازادا شاھزادىنىڭ قولىدىكى بۈركۈتى يىراققا قاراپ تەلپۈنۈپتۇ.
كۆچمە. مەلۇم تەرەپكە تارتماق، ئۈزلۈكسىز سوقماق (يۈرەك، قەلب، كۆڭۈل ھەققىدە).
چولپان، كۆڭلۈم ھامان سىزگە تەلپۈنىدۇ، سۆزلىسڭىزچۇ؟