Uyghur主要词典
تەلىم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆپ، نۇرغۇن، تولۇق، تولغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - بىلىم، ئەدەب - ئەخلاقلار.
كۆپچىلىكتىن تەلىم ئال. ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ، ئادەمنى تەربىيە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ ۋ
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تولا، كۆپ.
تەلىم يارماق _ كۆپ يارماق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تەلىم باشلار يۇۋالدىمات
ياغى ئاندىن ياۋالدىمات
كۈچى ئانىڭ كەۋەلدىمەت
قىلىچ قىنقا كۈچۈن سىغدى
«تالاي باشلار دومۇلىدى،
يېغا ئاندىن يۇۋاشلاندى،
كۈچى ئۇنىڭ ئاجىزلاشتى،
قىلىچ قىنغا تەستە سىغدى»
بىر جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: باتۇرلارنىڭ باشلىرى تېنىدىن جۇدا قىلىندى، شۇڭا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچى ئاجىزلاشتى. قىلىچلار يۈزىگە قاتقان قاننىڭ كۆپلۈكىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.
1 - 515
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆپ، نۇرغۇن ؛ سانسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پەننىڭ مەلۇم بىر ساھەسى بويىچە ئىگىلەشكە تېگىشلىك مەلۇمات، بىلىم.
ئۇ يەردە ئاپىسى ئۇنىڭغا ئەخلاقىي تەلىم بەردى.
ئەدەپ - ئەخلاق.
- سىلەر تەلىم ئۆگىتەلمىگەن بۇزۇققا، ئۆزۈم ئۆگەتكىلى كەلدىم، - دېدى پاسار قولىدىكى كۆسەينى يەرگە دوككىدە سانجىپ.
تەلىمات، نەزەرىيە.
بۇ ئابدۇقادىر داموللىنىڭ تەلىمى.
كۆرسەتمە، يوليورۇق، تەربىيە.
تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال (ماقال).