Uyghur主要词典
تەلەپ قىل سەۋەب قىل
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«تەلەپ قىل، سەۋەب قىل»بۇ، ئويلىغان ياكى پىلانلىغان بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئارزۇ - ئۈمىد ئۈچۈن چارە تېپىش، ئامال قىلىش، تەدبىر كۆرۈش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: - ئاقىللارنىڭ تەلەپ قىل، سەۋەب قىل، ھەرىكەتتە بەرىكەت دەيدىغان دانا سۆزى بار. ھەر بەندە ئۇنداق، بۇنداق سەۋەب، ئۇ يان ئايلىنىپ، بۇ يان ئايلىنىپ بۇيرۇغان قىسمەت بىلەن رىزقىنى تېپىپ يەيدۇ، - دېدى ئۇ.