Uyghur主要词典
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
بۇباشقىلاردىن ئاغزاكى ياكى خەت ئارقىلىق، سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئوبيېكتىپ قىلىنغان شەخسنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك پسىخىك پائالىيەتلىرىنى بىلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ، ھەم بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر ئاسانراق بولىدۇ. لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىچىگە بىر مۇنچە دەخلىلىك ئامىللارنىڭ كىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش تەس. شۇڭلاشقا تەتقىقات ئىشىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشلىگەن نەتىجىلەرنى كۆپ تەرەپلىمە سېلىشتۇرۇپ ئىسپاتلاشقا ۋە باشقا تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق نەتىجىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. تەتقىقاتچىغا تەتقىقات تېمىسى، تەكشۈرۈشتە توپلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللار ئېنىق بولۇشى لازىم. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار ۋە ئارىلىشىپ قالىدىغان دەخلىلىك ئامىللار مۆلچەرلەنگەن بولۇشى لازىم.