Uyghur←Chinese主要词典
تەكرارلىنىش قانۇنىيىتى
بىئولوگىيە
重演律
chóngyǎnlǜ
<جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئىندىۋىدال يېتىلىش ھەققىدىكى نەزەرىيە بولۇپ، بۇنىڭدا ئىندىۋىد يېتىلىش جەريانىدا ئۆز ئەجدادىنىڭ يېتىلگەن تېنىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى باسقۇچلاردىن ئۆتىدۇ دەپ قارىلىدۇ، بۇمۇ جانلىقلارنىڭ ئىۋۇلوتسىيىسىنىڭ مۇھىم ئىسپاتلىرىنىڭ بىرى. بۇ چۈشەنچە دائىم <ئىندىۋىدنىڭ يېتىلىشىدە سىستېمىلىق يېتىلىش تەكرارلىنىدۇ> دەپ ئېيتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىندىۋيلىك يېتىلىشىدە سىستېمىلىق يېتىلىشنىڭ پۈتۈنلەي تەكرارلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.