Uyghur主要词典
تەكرار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناخشىنىڭ ھەر بىر كۇپلېتىدىن كېيىن قايتىلىنىدىغان قىسمى.
ناخشا كانى، ماكانى
تارىم مېنىڭ دىيارىم.
ناخشا مېنىڭ بايلىقىم،
ئىپتىخارىم، مادارىم.
تارىم مېنىڭ دىيارىم،
ناخشام بايلىق، مادارىم.
سەھنەم باغ، ئۆزۈم بۇلبۇل،
سايرايمەن سەھەر - ئاخشام.
كۈيلەيدۇ زامانىمنى
ئېيتقان جەڭگىۋار ناخشام.
نەقرات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايتا - قايتىلاپ، ئۈستى - ئۈستىگە، بىر قىلغان ئىشنى يەنە قىلىش.
سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ، تەكرار سۆزلىمە. تەكرار - تەكرار چۈشەنچە بېرىلىسمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرگە جازادىن باشقا ئامال يوق. قايتا - قايتا پالتا ئۇرساڭ، چوڭ دەرەخمۇ ئۆزۈلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
رەۋ. ئىككىنچى ياكى كۆپ قېتىم؛ ياندۇرمىلاپ، قايتا - قايتا.
سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ، تەكرار سۆزلىمە (ماقال).
ئى. ئۆگەنگەننى پۇختىلاش، مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قايتا ئۆگىنىش، مۇزاكىرە.
بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ كەچلىك تەكرارغا چىقماي ياتاقتا ئولتۇرغاندا، ئىشىك يېنىك چېكىلدى.