Uyghur主要词典
تەكەببۇرلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكەببۇرنىڭ قىلىقى، ھاكاۋۇر ھالەت.
تەكەببۇرلۇق ئەقىلنى ئۇرار - تېپەر، ئەخمەقلەر بۇنىڭغا يول بېرەر. ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەخمەقلىق ئاكا - ئۇكا. داخىڭگەيلىك دەردئەلمگە ئېلىپ بارىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىللەت.
كىچىك پېئىللىق، كەمتەرلىك
ئۆزىنى چوڭ تۇتمايدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويمايدىغان خىسلەت.
كىچىك پېئىللىق - ھەممە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئانىسى. كەمتەرلىك كىچىككىمۇ، چوڭغىمۇ يارىشىدۇ. كەمتەرلىك ئۇلۇغلۇق بىلەن قوشنا. ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەخمەقلىق بىر دەرەخنىڭ مېۋىسى. تەكەببۇرلۇق تەنىدىن قۇتۇلالمايدۇ. مەغرۇرلۇق - پۇتلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى. گەدەنكەشلىك گەمىدە ياخشى. مەنمەنچىلىك ئەقىلدىن ئاداشتۇرىدۇ. يوغانچىلىق يولدىن ئازدۇرىدۇ. چوڭچىلىق قىلغان چوقۇم ئاستىدا قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ھاكاۋۇرلۇق.