Uyghur←Chinese主要词典
تەجرىيىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش تەلىماتى
پسىخولوگىيە
经验类化说
jīng yàn lèi huà shuō
بۇ بىر خىل ئۆگىنىشنى كۆچۈرۈش تەلىماتى بولۇپ، بۇنى 1908 - يىلى جۇد ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆگىنىشنى كۆچۈرۈشنى تەجرىبىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنىڭ دەپ قارىغان. ئۇ ئاسسىمىلاتسىيە بىلەن كۆچۈرۈش بىر مەنىدە دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئوقوغۇچىلار بىر خىل ئىلىمي بىلىمنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلغاندىن كېيىن، يەنى كەڭ مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، مۇستەقىل ھالدا كەڭ ئەقلىي كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەشق ئۈنۈمىنى يېڭى ئەھۋالغا كۆچۈرەلەيدىغان بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان.
جۇد تەجرىبىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنىڭ كۆچۈرۈشىتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشلەر ئۇنىڭ كۆچۈرۈش نەزەرىيىسىنى «تەجرىبىنى ئاسسىملاتسىيە قىلىش تەلىماتى» دەپ ئاتىغان. جۇدنىڭ تەجرىبىنى ئاسسىماتسىيە قىلىش دېگىنى قانۇن، پرىنسىپ قاتارلىق ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەقلىي تەجرىبىلەردىن ئىبارەت. شۇڭا نۇرغۇنلىغان پسخولوگلار ئۇنى قوبۇل قىلغان. بەيلېز تەجرىبىنى ئاسسىملاتسىيە قىلىش تەلماتىنى قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرغان ئەڭ تەسىرلىك ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇ، كۆچۈرۈش ئۆگىنىشىنى كۆپ تەرەپلىمە تەتبىقلاپ ئومۇملاشتۇرۇلغان قانۇنلارغا تايىنىدۇ، بۇ قانۇننى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتبىقلاپ مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. جۇد ئوقوتۇش ئۇسۇلىنىڭ كۆچۈرۈشىتىكى رولىغا ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقتىن، ئوقوتۇش ئۇسۇلىنى بىرىنچى ئورۇنغا، دەرسلىكنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىغا سەل قارىغان. جۇدنىڭ تەجرىبىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش تەلىماتىنىڭ كۆچۈرۈش نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەلۇم تۆھپىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا بىر تەرەپلىمىلىك بار.