Uyghur主要词典
تەگمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۇلاشماق، ئېرىشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاقالماق، تاقاشماق.
ئېگىلگەنگە ئېگىل، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە. غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە (ماقال).
ئۇرۇلماق.
قاتتىق تەگكەن بىر شاپىلاق بىلەن ئۇ تىرىڭڭىدە كەينىگە يىقىلدى.
چاچراپ، تېمىپ، سۈركىلىپ ئىز، داغ قالدۇرماق، يۇقماق.
چاپانغا داغ تەگمەك.
تاپشۇرۇلماق (ئەۋەتىلگەن نەرسە ھەققىدە).
ئاكام يازغان خەت تەگدى.
بىرەر نەرسە ياكى ئەمەل قاتارلىقلارغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك.
ئەمەل تەگمەك.
تۇرمۇشقا چىقماق، ياتلىق بولماق.
ئەرگە تەگمەك.
بىر كىمنىڭ نومۇسىغا، ئىززەت - ھۆرمىتىگە چېقىلماق؛ داغ كەلتۈرمەك.
نومۇسىغا تەگمەك.
تەسىرى ئۆتۈپ زىيان سالماق، كار قىلماق.
سوغۇق تەگمەك.
ئېغىر تۇيۇلماق، چىڭ كەلمەك، قاتتىق تۇيۇلماق.
ئىلشاتقا كېيىنكى چاقچاق تېگىپ كەتتى.
بېسىپ كىرمەك، ھۇجۇم قىلماق، چېقىلماق.
بىر قىسمىڭلار شەھەرگە دەرھال تېگىش لازىم دەيسىلەر، توغرا مەنمۇ شۇنداق خىيال قىلىمەن.