Uyghur主要词典
تەفسىر جەلالەين
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەسەرنى مىسىردىكى جەلالىددىن ئىسىملىك ئىككى مۇفەسسىر بىرلىشىپ يازغان. بۇ سۈننىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر تەپسىر كىتابلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى جەلالىددىن مەھەللى (؟ - 1459 ياكى 1460) يېزىپ تۈگىتەلمىگەن. قالغان قىسمىنى (17 - بابتىن باشلاپ) جەلالىددىن سۇيۇتى (؟ - 1505) داۋاملاشتۇرۇپ پۈتتۈرگەن. بۇ تەپسىر ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلگەنلىكتىن، سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن كەڭ پايدىلاندى. جۇڭگو ئىسلام دىنى بۇ تەپسىرنى مەدرىسە تەربىيىسىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ بىرى قىلدى. 1984 - يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى <قىسقىچە تەپسىر> نامى بىلەن باستۇرۇپ تارقاتتى.