Chinese→Uyghur主要词典
特恩权
دۇنيا تارىخى
ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىياز
لاتىنچە immunitas دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى فېئودال خوجىدارلارنىڭ ئۆز خوجىلىق يېرىدە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك ئىمتىيازى. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن، سۇيۇرغال يەرلەر تەدرىجىي ھالدا ۋارىسلىق قىلىنىدىغان خوجىلىق يەرگە ئايلانغان. خوجىدارلار خوجىلىق يەردىكى مەمۇرىي، ئەدلىيە، ھەربىي ۋە مالىيە قاتارلىق ھوقۇقلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. پادىشاھ مەرتىۋە بېرىش يولى بىلەن قانۇن جەھەتتىم ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور بولغان ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئاساسەن پادىشاھ ئەمەلدارلىرىنىڭ خوجىلىق يەرلەرگە كىرىپ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى مەنئى قىلىنغان. مانا بۇ ئاتالمىش ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىياز. خوجىدارلار ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ يانچىلارغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە سىياسىي زۇلۇمنى كۈچەيتكەن. ⅩⅣ - ⅩⅢ ئەسىرلەردە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، خوجىدارلارنىڭ ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىيازى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشقان.