Uyghur主要词典
تەدرىجىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەۋىش: ئىش - ھەرىكەتنى ئۆز يولى بىلەن، تەرتىپ بىلەن يۈرگۈزۈش.
پەيدىنپەي ئىلگىرىلەش _ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتىن مىڭ ياخشى. بۇ ئىش مۇرەككەپ، تەدرىجىي ھەل قىلىندۇ. قانداق قىلاتتۇق، ئىش دېگەن بىرۋاراقى پۈتىدۇ. نېمە ئالدىرايسەن، بىر ئۇچقاچ قىلارمىز. مۇسۇلمانچىلىق ئاستا_ ئاستا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئاستا - ئاستا، بىر - بىرلەپ، ئارقىمۇئارقا، دەرىجىمۇدەرىجە.
تەدرىجىي تەرەققىيات.
ئۇلار خىزمەتلەرنى تەدرىجىي قانات يايدۇردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ تېرىسى ئاستىدىكى مەخسۇس بەزلەر تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان سۇيۇقلۇق.
تەر باسماق.
كۆچمە. ئەجىر، ئەمگەك.
ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن (ماقال).