ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1. باراۋەر.
تەڭ، باراۋەر.* ئەر _ ئاياللار ھوقۇقتا تەڭ.* تەڭ ھوقۇقلۇق.* تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە.
2. ئوخشاش، بابباراۋەر. تەڭ دىمەت.* تەڭتۇش.* تەڭداش.* ئىككىمىزنىڭ بويى تەڭ، كۈچىمىزمۇ تەڭ.* ھەممىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3. بىللە، بىر ۋاقىتتا، بىر خىل. تەڭ يېگەن تەڭگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە ( ماقال ).* كۈن بىلەن تەڭ تۇرغاننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ( ماقال ).* تەڭ كۆتۈرگەن يۈك يېنىك ( ماقال ).* تاش بىلەن ياڭاق تەڭ بولالماس ( ماقال ).* ئاداش _ ئاداش بولايلى، بىر نېمە تاپساق تەڭ يەيلى ( بالىلار ناخشىسى ).
4. تاكاللاشماق، ئېيتىشماق. ھاي، ئاكاڭ بىلەن تەڭ تۇرما.* يامان بىلەن تەڭ بولغۇچە.* تەڭ كېلەلمىگەن نېمەڭگە، ئېيتىشىپ نېمە قىلىسەن؟
5. تەڭ _ قىسلىققا سالماق.
ھالىڭ تەڭ بولىدۇ، بىپەرۋا تۇرساڭ،
بىراۋ ھالىنى سەن تەڭ قىلغان بولساڭ.
ھوما ھالىنى تەڭ قىلىش مەقسىتىدە،
قارغا ئۇسىخاننى كۆمەر خاك ئارا.
6. خىلى، تەڭدىشى، مۇخالىپى. تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن.* ئۇ سېنىڭ تېڭىڭ ئەمەس.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
يېرىم، ھەر نەرسىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمى. تەڭ _ نىسپى.* يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى ( ماقال ).* يامىساڭ، يېڭى بولمىسىمۇ، يېڭىنىڭ يېڭى بولار ( ماقال ).
领域: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىپارىسچە
تار، قىستاڭ، زىچ.
بىر ئېشەكلىك يۈك؛ تاي، توپ، بىر باغلام يۈك.
تۆش تارتقۇ، تۆشلۈك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تار، سىقىق، قىستىلاڭ، زىچ؛ تارتما، تاسما، باغ، ئايىل؛ توپ، تاي، باغلام؛ دىلتەڭ - يۈرىكى سىقىق؛ تەڭ نەپەس - زىققى نەپەس؛ نەپىسى سىقىلىش؛ تەڭ شارابلىغ - مەينى كۆتىرەلمەسلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەسلىك، يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولمىغان، ھەممە ئوخشاش بولغان ھالەت.
بەش قول تەڭ ئەمەس. قاش بىلەن كۆز تەڭ بولمايدۇ. باراۋەر ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا ، باراۋەر بولمىدۇق ئەممە دەۋر ئالدىدا، كېرىلىپ كەتمىگىن سەن ئامەتلىرىڭدىن، باراۋەر بولىمىز قەبرى ئالدىدا. بەش تال بارماق، بەش قېرىنداش، بىراق زادى بىردەك بولماس. بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەكشى ئەمەس. تىكىس يەر تېپىلماس. تەڭپۇڭ بولماق تەس، مۇۋازىنەت ئەلا. موساۋەت فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ شوئارى : ھۈرىيەت، موساۋات، ئادالەتنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ھەممىنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر بوشلۇق، بۆلەك، بىر قىسىم.
جاي بەرگەنگە جان بەر. ئورۇننىڭ تارلىق، كۆڭۈلنىڭ تارلىقى خورلۇق. ئورۇن ئادەم كۆركى ئەمەس، ئادەم ئورۇن كۆركى. ئەقىل بار يەردە يول بار. پەن ھەممە يەردە ماكان تۇتىدۇ، بىراق ئۇرۇق سېلىمىغان يەر ھوسۇل بەرمەيدۇ.
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتەڭ، باراۋەر.
« تەڭ تۇش _ تەڭ - تۇش» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 485
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى