Uyghur主要词典
تىچېنېر
پسىخولوگىيە
بۇ ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق پىسىخولوگى بولۇپ، قۇرۇلمىچىلار گورۇھىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ گېرمانىيىلىك پسىخولوگ ۋۇند نىڭ سادىق شاگىرتى بولغان. كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقوتقۇچىلىق قىلغان ھەم كاننېر داشۆسىنىڭ پسىخولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى باشقۇرغان. ئۇ ۋۇندغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ نەزەرىيسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم ۋۇندنىڭ پسىخولوگىيسىنىڭ نەزىيە سىستېمىسىنى تۈزەتكەن. بۇ پسىخولوگىيىگە «قۇرۇلما پسىخولوگىيىسى» دەپ نام بەرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ فۇنكسىئونال پسىخولوگلىرى بىلەن مۇنازىرىلەشكەن،ۋوندغا ئوخشاش ئۇمۇ ئىدىيالىستىك تەجرىبىچىلىك كۆز قارىشىدا بولغان، ئۇ، ھەممە پەننىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى تەجرىبىدىن ئىبارەت، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ بىردىنبىر پەرقى تەجرىبىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش نۇقتىئىنەزەرىدە كۆرۈلىدۇ، دەپ ھېسابلايتتى. شۇڭا ئۇ پسىخولوگىيە تەتقىقاتى «ئىندىۋىدنىڭ تەجرىبىسىگە بېقىنىدۇ»، فىزىكا «مۇستەقىل تەجرىبە» نى تەتقىق قىلىدۇ. پسىخولوگىيىنىڭ ۋەزىپىسى «پىسىخىك تەجرىبىلەر»نىڭ قۇرۇلۇش ئامىللىرىنى ئانالىز قىلىش دەپ قارايتتى. ئۇ يەنە، ئادەمنىڭ تېنى بىلەن پسىخىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدە پاراللېلىزم بولۇپ، پسىخىكا بىلەن فىزىئولوگىيە ئوخشاش بىر تەجرىبىنىڭ ئىككى تەرىپى، ئۇلار بىر بىرىگە تەسىر قىلالمايدۇ. جىسمانىي جەريان يەنىلا پسىخىك جەرياننىڭ شەرتى، پىسىخىك جەريان بىلەن جىسمانىي جەريان يانداش ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ قارايتتى. پسىخولوگىيە ئۇسۇلى (مېتودى) مەسىلىسىدە، ئۇ ۋۇندنىڭ ئاساسىي كۆز قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تەجرىبە ئۇسۇلى ئۆز - ئۆزىمىزنى كۆزىتىشنىڭ بىر خىل ياردەمچى تەدبىر، دەپ ھېسابلايتتى. ئۆز - ئۆزىمىزنى كۆزىتىشنى ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇنغا قوياتتى. ئۇنىڭچە، پەقەت ياخشى مەشىق قىلغان كۆزەتكۈچىلا ئۆز - ئۆزىنى كۆزىتەلەيدىكەن . شۇنداق قىلغاندىلا، ئۆز - ئۆزىنى كۆزىتىش جەريانىدا پسىخولوگىيىلىك پوزىتسىيە ياكى كۆز قاراشنى ساقلىيالايدىكەن، جۈملىدىن پسىخولوگىيە تىلى بىلەن تەسىرىنى ئەمەس، ئاڭ ھالىتىنى بايان قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن «تەسىر خاتالىقى» دېگەندىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. قۇرۇلمىچىلىق گورۇھىنىڭ ئۆمرى ئۆز كۆز قاراشلىرىنىڭ تارلىقى تۈپەيلىدىن قىسقا بولۇپ قالدى. تىچېنېرنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «پسىخولوگىيە دەرسلىكى»، « پسىخولوگىيە - ئادەملەر»، «تەجرىبە پسىخولوگىيىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.