Uyghur←Chinese主要词典
تېبېس
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
底比斯〈埃〉
dǐ bǐ sī 〈āi 〉Dتارىخ
帖别思
tiē bié sī
دۇنيا تارىخى
底比斯
dǐ bǐ sī
(1) نوت ئامىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىسىردىكى بىر شەھەر. يۇقىرى مىسىرغا جايلاشقان. ئوتتۇرا سۇلالە ۋە يېڭى سۇلالە دەۋرىدە (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا) پايتەخت قىلىنغان. ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە قادىمكى مىسىرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ئىككى قىرغىقىغىچە سوزۇلغان. كۆلىمى چوڭ بولۇپ، <يۈز دەۋازىلىق تېبس> دەپ ئاتالغان. تەڭرى ئامىنرا ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زور قۇرۇلۇشلار بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلاردىكى قاپارتما نەقىشلەر ۋە تام سۈرەتلىرى بەكمۇ نەپىس ئىشلەنگەن. مىلادىدىن 88 يىل ئىلگىرى ۋەيران قىلىنغان، كېيىن خارابىلىققا ئايلانغان. بۇ خارابىنىڭ ئورنى مىسىرنىڭ لوكسور ۋە كارناك ئەتراپلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىرغىچىلىك كۆپلىگەن قەدىمىي يادىكارلىقلار ساقلانغان. <كارناك ئىبادەتخانىسى> غا قارالسۇن. (2) قەدىمكى يۇناننىڭ مۇھىم شەھىرى. ئوتتۇرا يۇاننىڭ بېئوتىيە تەۋەلىكىدىكى شەھەر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، فىنىكىيە ئەپسانىسىدىكى قەھرىمان كادمۇس قۇرغانىكەن. گومېر داستانى <ئىلىئادا> دا تروياغا يۈرۈش قىلغان يۇنان شەھەرلىرى ئىچىدە تېبېس تىلغان ئېلىنمىغان. لېكىن كېيىنكى چاغلارغا كەلەەندە تېبېسقا ئائىت يۇان ئەپسانىلىرى تارقالغان. مەسىلەن، تراگېدىيەق ىلىپ توقۇلغان <يەتتە قەھرىماننىڭ تېبېس شەھىرىنى ئېلىشى>، <پادىشاھ ئودىيۇس> قاتارلىقلاردا مەزكۇر شەھەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاقسكڭەك ئولىگارخلار ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈلگەن. جەنۇبتىكى قوشنىسى ئافىنا بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرغان، بولۇپمۇ يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئافىنا زورلۇق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ قارىمۇ قارشىلىشىش ۋەزىيىتىدىن تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بولغان پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا سپارتانى قوللاپ، ئافىنانى شىمالىي چېگرىدا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سپارتانىڭ زومىگەرلىك قىلىشىغا نارازى بولۇپ، ئافىنا، كورىنتوس (كورىنتوس ئۇرۇشى) لار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. ئىچكى قىسمىدىكى ئولىگارخلار بىلەن دېموكراتلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلەشكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن كېيىن دېموكراتلار ھوقۇق تۇتۇپ، ئېپامىنوندا ۋە پېلوپېدا باشچىلىقىدا ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى روناق تاپتۇرغان؛لېئومىنوندا ۋە پېلوپېدا باشچىلىقىدا ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى روناق تاپتۇرغان؛ لېئوكترا جېڭى (مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى) ۋ مېتنىيە جېڭى (مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرى) دە ئارقىمۇ ئارقا سپارتاغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈپ، ئۇنى زومىگەرلىك ئورۇندىن مەھرۇم قىلغان. لېكىن تېبېس ئون نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپلا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. يەنە ئافىنا بىلەن بىرلىشىپ ماكېدونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى كارونىيە جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. فىلىپ Ⅱ ئۆلگەندىن كېيىن يەنە مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوزغالغاندا ئالېكساندر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان (مىلادىدىن 336 يىل ئىلگىرى)، بۇ چاغدا ئىبادەتخانا ۋە شائىر پىندارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا، پۈتۈن شەھەر ۋەيران قىلىنغان؛ 6 مىڭ ئاھالە قىرغىن قىلىنغان، 30 مىڭ ئادەم قۇل ئورنىدا سېتىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ماكېدنىيە شەھەرنى قايتا قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھىملىقىنى يوقاتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە رىمغا قوشۇلۇپ كەتكەن.