Uyghur主要词典
تىبونىگارو ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ياۋا ئۇرۇشى> مۇ دېيىلىدۇ. ياۋا خەلقنىڭ (1825 - يىلىدىن 1830 - يىلىغىچە) تۇرۇش يولىدىكى قوراللىق قوزغىلىڭى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قوزغىلاڭ داھىيىسىنىڭ ئىسمى تىبونىكارو بولغاچقا، ئورۇشمۇ شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى. گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ئارمىيسىى 1825 - يىلى 7 - ئايدا يوگياگارتانىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان پادىشاھىنى قولغا ئالماقچى بولغانلىقتىن بۇ ئۇرۇش پارتلىدى. تىبونىگارو ئىسلام دىنىنى قوغداش شۇئارى بىلەن كاپىرلارغا قارشى جىھاد قوزغاپ، ئوردا ئەزالىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە كەڭ دېھقانلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئوتتۇرا ياۋا ۋە شەرقىي ياۋادىكى بىر قىسىم رايونلارنى ئىشغال قىلدى. 1825 - يىلى 10 - ئايدا تىبونىگارو ياۋا ئىسلام پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزى سۇلتان بولدى. كېيىن گوللاندىيە ئارمىيىسى قورغان تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىستاش ۋە ئالداش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننى پارچىلىدى. 1830 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تىبونىگارو گوللاندىيە ئارمىيىسى بىلەن سۆھبەت قىلىۋاتقاندا، قارشى تەرەپ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي ئۇنى قولغا ئالدى. قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ مەغلۇپ بولدى.