Uyghur主要词典
تاز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باش چاقا سەۋەبىدىن چاچسىز بولۇپ قېلىش كېسىلى ۋە شۇنداق كېسەل بولۇپ قالغان كىشى.
تازنى تاز دېسە، ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلەر. بارىيوقى بىر بالام، باش - كۆزى تاز بالام. تازنى خوجام، پاخشەكنى خېنىم دەپتۇ. تاغدىن سۇ كېلىدۇ، كەل قۇۋ كېلىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاز.
تاز ئات _ چىپار ئات. تازقوي _ توقال قوي. تاز يېر _ ئۆسۈملۈك ئۆنمەيدىغان، زەي، شورلۇق يەر. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاز ئات تافارچى بولماس _ چىپار ئات يۈك كۆتىرەلمەس، چۈنكى ئۇنىڭ تۇيىقى يامان بولىدۇ.
3 - 203
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كىشى ئىسمى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاز (باش يارىسى، تەمرەتكە)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بېشى تەمرەتكە بىلەن جاراھەتلىنىپ چاچ چىقمىغان؛ ئايپاڭ، تاقىر.
ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ (ماقال).
كۆچمە. مۈڭگۈز چىقمىغان، مۈڭگۈزسىز.
بىر چاغلاردا، بىر دانە تاز ئوغلاقنى ئېلىپ ساتماقمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى.