Uyghur主要词典
تائىراكىيومورى
دۇنيا تارىخى
(1118 - 1181) ياپونىيە ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھوقۇقدار. تائىراتادامورى (1095 - 1153) نىڭ ئوغلى؛ يەنە بەزى ئېيتىشلاردا تېننو شىراكاۋا (1095 - 1129) نىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى دېيىلىدۇ. تادامورى ئۆلگەندىن كېيىن، تائىرا جەمەتىنىڭ سامورايلىرىغا باشچىلىق قىلغان. 1156-يىلىدىكى خوگېن توپىلىڭى ۋاقتىدا كېيىنكى تېننو شىراكاۋا (1127 - 1193، 1155-يىلى تېننولىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، 1158-يىلى ئورنىنى ئولىغا ئۆtۈنۈپ بېرىپ، ئۇلۇغ تېننو دەپ ئاتالغان؛ 1169-يىلى بۇددا دىنىغا كىرىپ بۇدداخان دەپ ئاتالغان) غا ياردەملىشىپ، گېن جەمەتى بىلەن كوجۇخارا جەمەتىدىكىلەرنى بويسۇندۇرۇپ غەلىبىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ ئەتىۋارلانغان. 1159-يىلىدىكى پىڭ جىژ توپىلىڭىدا مىناموتا سۇلالىسىنى بەربات قىلغان، 1166-يىلى (رېن ئەننىڭ تۇنجى يىلى) ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، ئىككىنچى يىلى مەمۇرىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ تائىرا جەمەتىدىكىلەر كۇجۇخارا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي سىياسىي ھوقۇق تۇتقان. 1168-يىلى (رېن ئەن 3-يىلى) ئۆزىنىڭ قېيىن سىڭلىسى بىلەن كېيىنكى شىراكاۋا ئۇلۇغ شاھ ئوتتۇرىسىدا تۇغۇلغان ئوغۇل تاكارانى تېننو قىلىپ تىكلىگەن (1166 - 1181). 1172-يىلى (چىڭ ئەن 2-يىلى) ئۆزىنىڭ قىزىنى خانىكە قىلغان. ئۇنىڭ ئوردىسى روكۇخارا دېگەن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاكىمىيىتىمۇ <ركۇخارا ھاكىمىيىتى> دەپ ئاتالغان. ئۆز ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن بولغان ئەمەلدارلار پۈتۈن ئوردىنى ئىگىلىگەن. ھەرقايسى جايلاردىكى ئېسىلزادىلەرنى جايلاردا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ، ئۆزىگە قاراشلىق بولغان سامورايلارنى ھەرقايسى جايلارنىڭ قورۇق باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن. نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ قورۇقلارنى ئىگىلەپ، كۆپلىگەن جايلارنىڭ ئاساسلىق بېجىنى يىغقان، سۇڭ سۇلالىسى بلەن بولغان سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، غايەت بايلىق توپلىغان. 1179-يىلى (جىژچىڭ 3-يىلى) كېيىنكى شىراكاۋا بۇدداخان ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغاندا نەزەربەنتكە ئېلىنغان. 1180-يىلى مىناموتوماسا (1105 - 1180) رېن ۋاڭنىڭ قوللىشى بىلەن تائىرا جەمەتىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، باستۇرۇلغان. كىيومورى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا تولغان قىز نەۋرىسى تېننوئانتوكۇ (1178 - 1185) نى ئېلىپ، ئوردىنى فوكۇبارۇ (بۈگۈنكى كابنى شەھىرى ئىچىدە) گە يۆتكىگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا، مىناموتويورى تومو قوشۇن تارتىپ فۇچىكاۋادا تائىرا جەمەتىنى مەغلۇپ قىلغان، كىيومورى كىيوتوغا قايتىپ، كېيىنكى شىراكاۋا بۇددا خانىنى ھاكىمىيەتنى قايتا تىكلەشكە تەكلىپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. تائىرا جەمەتى گۇرۇھىنىڭ كۈچى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاجىزلاپ كەتكەن.