领域: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىيېشىل ئورمانلىقتا بىر تىيىن دەرەخ ئۈستىدە شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرۈپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاۋاتقان بۆرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۆرە ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ تىيىنغا خىرىس قىپتۇ - دە، ئۇنى يېۋەتمەكچى بوپتۇ.
- مېنى قويۇۋەتكىن، - دەپتۇ تىيىن بۆرىگە يالۋۇرۇپ.
- ماقۇل، مەن سېنى قويۇۋېتەي، - دەپتۇ بۆرە، - ئەمما سەن ماڭا نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ خۇشال - خۇرام يۈرۈيدىغانلىقىڭنى، مېنىڭ ھەمىشە ھەسرەت چېكىپ يۈرۈيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەر.
- سەن ئاۋۋال مېنى قويۇۋەت، مەن دەرەخكە چىقىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي، ئۇنداق بولمىغاندا، مەن سەندىن قورقىدىكەنمەن، - دەپتۇ تىيىن.
بۆرە تىيىننى قويۇۋېتىتپۇ. تىيىن دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، بۆرىگە:
- سېنىڭ ھەسرەت چېكىپ يۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنىڭ ياۋۇز ھەم ئىچىڭنىڭ زەھەر بولغانلىقىدىن؛ بىزنىڭ خۇشال - خۇرام ياشىشىمىز بولسا، ئاق كۆڭۈللىكىمىز، باشقىلارغا ئەسكىلىك قىلمايدىغانلىقىمىزدىن، - دەپتۇ.