Uyghur主要词典
تات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەر.
«كاپىر» ئومۇمىي.
«تەرسا» خرىستىئان؛ «ئوتپەرەس»، «ئاتەشپەرەس»، سامانىزم دىنىدىكىلەر؛ «بۇتپەرەس» بۇددىستلار.
مەيلىدۇر ئوتپەرەس جامى قىلسا مەست،
مەن بولسام كاپىرۇرتەرسا، بۇتپەرەس؛
ھەر گورۇھ ھەققىدە ھەر خىل سۆز قىلۇر،
مەن بولاي ھەر نەرسە، مەن ئۆزۈمنىڭ، بەس.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
دات، تات باسماق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تات.
پۈتۈن تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە، پارسچە سۆزلىشىدىغان كىشى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاتىغ كۆزرە تىكەنىگ تۈپرە _ تاتنىڭ كۆزىگە (ئۇر)، تىكەننىڭ تۈۋىگە. تات _ توخسى، ياغمىلارنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار. مەن بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ئاڭلىدىم، « تات تاۋغاچ» دەيدىكەن. بۇ «ئۇيغۇر ۋە چىنلىق» دېگەن بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ماقال بۇلارغا (ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلارغا) قارىتىپمۇ ئېيتىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ۋاپاسىز كېلىدۇ. شۇڭا يىلتىزىدىن كېسىش لازىم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرنىڭمۇ كۆزىگە ئۇرۇش لازىم دېمەكچى. يەنە بىر ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاتسىز تۈرك بولماس باشسىز بۆرك بولماس _ تاتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۆك بولماس. بۇنىڭ مەنىسى باشسىز بۆك بولمىغىنىدەك، پارسلارسىز تۈركمۇ بولمايدۇ.
2 - 409
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دات ~ تات.
(يازما نۇسخىدا بۇ سۆزدىكى بىرىنچى «ت _ t» ھەرپى ھەم فەتھىلىك، ھەم زەممىلىك يېزىلغان، مىسال كەلتۈرۈلگەن ماقالدا بولسا، پەقە فەتھىلىك، يازما نۇسخا 327 - بەتتە زەممىلىك يېزىلغان. بۇ پېئىلنىڭ ئىككى خىل تەلەپپۇزى بولسا كېرەك. بىز بۇ جايدا فەتھىنى ئىناۋەتلىك قىلدۇق.) قىلىچ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ يۈزىدە پەيدا بولغان دات. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قىلىچ تاتىقسا ئىش يۇنچىر ئەر تاتىقسا ئەت تۇنچىر _ قىلىچ داتلاشسا ئىش بۇزىلىدۇ، ئادەم داتلاشسا ۋۇجۇدى بۇلغىنىدۇ. قىلىچنى دات باسسا، يىگىتنىڭ ھالى خارابلىشىدۇ، تۈرك پارس خۇلقىغا ئۆگىنىپ قالسا، ۋۇجۇدى بۇلغىنىدۇ. بۇ ماقال كىشىنى قايتماس باتۇر بولۇشقا، ھەر نەرسىنىڭ ئۆز جىنسى بىلەن ياشىشى لازىملىقىغا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
2 - 410
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
باشقا ئۇرۇقتىكىلەر، ياتلار؛ ئىرانلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
مىلتىق، ئاپتومات قاتارلىقلار ئېتىلغاندا ئاڭلانغان ئاۋاز.
ئورماندا <تات> قىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.