Uyghur主要词典
تاشقورغان ناھىيىلىك ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ
领域: شىنجاڭ مائارىپىباشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى
ئەسلى نامى تاشقۇرغان يېزىلىق ياتاقلىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ. 1983 - يىلى 9 - ئايدا تاشقۇرغان ناھىيە بازىرىدا قۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلار 12 يېزا (مەيدان) دىكى نامرات دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، بارلىق خىراجەت دۆلەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان. 1987 - يىلى تاشقۇرغان ناھىيىلىك ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ (ئاپتونوم ناھىيىلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەكتىپى) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 33275 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 2156 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. پارتىيە ياچېيكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق ياچېيكىسى قاتارلىق تەشكىللەرنىڭ قۇرۇلۇشى مۇكەممەل، مەكتەپ شتاتى 42. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 22 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 11، ئوقۇغۇچى سانى 408 نەپەر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。