Uyghur主要词典
تاش قاتما
بىئولوگىيە
تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەسىرىدە يەر قاتلاملىرىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى جانلىقلارنىڭ جەسىتى ۋە تۇرمۇش ئىزلىرى. كۆپىنچىسى جانلىقلار تېنىنىڭ قاتتىق قىسىملىرى (مەسىلەن، ھايۋانلارنىڭ سىرتقى قېپى، سۆڭىكى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تالاسى، سپورىسى، توزىڭى قاتارلىقلار) بولۇپ، مىنېرال ماددىلارنىڭ تىنىشى ۋە ئالمىشىشى تەسىرىدە ھاسىل بولىدۇ. يەر قاتلاملىرىدىكى تاش قاتمىلار ساقلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇكەممەل ساقلانغان تەن، قۇيما ۋە تۇرمۇش ئىزىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كەھرىۋادا ساقلانغان ھاشارات تىپىك مۇكەممەل ساقلانغان تاش قاتما ھېسابلىنىدۇ. كەھرىۋادا ئۆسۈملۈكلەر ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك، قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغان سىمولا. ئەگەر ھاشارات ئۇنىڭغا تېگىپلا كەتسە دەرھال يېپىشتۇرۇۋالىدۇ، سىمولىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن چاپلىشىپ قالغان ھاشارات مۇھاسىرىلىنىپ ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. قەدىمكى ھايۋانلارنىڭ قاسىرىقى، چىشى ۋە سۆڭىكى قاتارلىقلارمۇ مۇكەممەل ساقلانغان تاش قاتمىغا كىرىدۇ. قورام تاشلار ئۈستىدە قالغان ئىزى. بۇ تۈردىكى تاش قاتمىلار تاشقى قۇيما ۋە ئىچكى قۇيمىدىن ئىبارەت ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ. تاشقى قۇيما جەسەت سىرتقى شەكلىنىڭ تاش ئۈستىدىكى ئىزى، ئچىكى قۇيما جەسەت ئىچكى قىسىم مورفولوگىيىنىڭ تىنىپ قالغان ماددىلاردا قالغان ئىزىنى بىلدۈرىدۇ. ئۈچىنچىسى تۇرمۇش ئىزى بولۇپ، ئۇ قەدىمكى جانلىقلار پائالىيىتىدىن قېپىقالغان ئىز ۋە قالدۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، دىنوزاۋورنىڭ ئاياغ ئىزى، قەدىمكى ھايۋانلار تېزىكىنىڭ تاش قاتمىسى، تۇخۇم تاش قاتمىسى ھەمدە ئىپتىدائىي ئادەملەر ئىشلەتكەن تاش قورال، سۆڭەك قورال قاتارلىقلار. ئومۇمەن، يەر قاتلاملىرىنىڭ دەۋرىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاش قاتمىسى ئۆلچەملىك تاش قاتما دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆلچىمى داۋاملاشقان گېئولوگىيىلىك دەۋرى قىسقا، جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى كەڭ، ئاسان تونۇغىلى بولىدىغان بولۇش. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تىرىك تاش قاتما ياكى ئامان قالغان تاش قاتما دەپ ئاتىلىدىغان تاش قاتما يەنى گېئولوگىيە تارىخىدا پەيدا بولۇپ، تا ھازىرغىچە ھايات ياشاۋاتقان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرمۇ بار. مەسىلەن: جۇڭگونىڭ مۈشۈك ئېيىقى، چوڭ شەمشاد ۋە كۈمۈش ئۆرۈك قاتارلىقلار