Uyghur主要词典
تاشپاقىلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپى. دۈمبىسى ھەم قورساق تەرىپىدە مۇستەھكەم قالقان پلاستىنكىسى (كاسىسى) بولۇپ، سىرتىنى مۈڭگۈز ماددىلىق قاسىراق پلاستىنكىلار ياكى قېلىن تېرە ئوراپ تۇرىدۇ. گەۋدە قىسمىدىكى ئومۇرتقا، قوۋۇرغا ۋە تۆش سۆڭىكى ئادەتتە قالقان پلاستىنكىسىغا بىرلىشىپ كەتكەن. باش سۆڭىكىدە چېكە ئويمىنى يوق (ھازىرقى تۈرلەرنىڭ چېكە قىسمىدىكى تۆشۈك بىر خىل ئالاھىدىلەشكەن ئەھۋال). ئۈستۈنكى جاغلىرىدا چىشى يوق، ئۇنىڭ ئورنىدا مۈڭگۈز ماددىلىق غىلاپقا ئورۇلۇپ شەكىللەنگەن تۇمشۇقى بولىدۇ. باش، قويرۇق ۋە تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسىدە تەڭگىچىلىرى بار. تىلى سوزۇلۇشچان ئەمەس. كۆز قاپىقى بار. كلوئاكا تۆشۈكى توغرىسىغا ئېچىلغان، ئەركىكىدە بىرلا چېتىشىش ئورگىنى بولىدۇ. بەدەن ئىچىدە ئۇرۇقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇقتا، سۇدا ياكى دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدىغانلىرى بولغاچقا، تۆت پۇتى ۋە تاشپاقا قېپىدا شۇنىڭغا ماسلاشقان ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن؛ قۇرۇقلۇق تاشپاقىلىرىنىڭ تۆت پۇتى ئۇزۇنراق ھەم توم بولۇپ، مۇستەھكەم (قاتتىق) تاشپاقا قېپى بولىدۇ. يېرىم سۇدا ياشايدىغانلىرىنىڭ تاشپاقا قېپى سەل ياپىلاق بولۇپ، بارماقلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ. دېڭىز تاشپاقىلىرى ئۆمۈر بويى دېڭىز سۈيىدە ياشىغاچقا تۆت پۇتى پالاقسىمان بولۇپ ئۈزۈش سۈرئىتى سائىتىگە 32 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. يۇمشاق تېرىلىك تاشپاقىلار سۇ تېگىدە ياشايدۇ، قالقان پلاستىنكىسىنىڭ سىرتىنى خۇرۇم تېرىسى ئوراپ تۇرىدۇ، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ، دۈمبە چىغىنىقىنىڭ گىرۋەكلىرى پۈرمىلىك بولۇپ، سۇ ئاستىدىكى لاي - قۇملارغا يوشۇرۇنۇشقا ماسلاشقان. تاشپاقىلار تروپىك بەلباغ ۋە مۆتېدىل بەلباغلارغا تارقالغان. ئوتخور، گۆشخور ياكى ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ سىرتىنى كالتسىي ماددىلىق سىرتقى شاكال ئوراپ تۇرىدۇ، تۇخۇم سانى كۆپ، ئىككىلەمچى دەۋردىكى كوتىلوزاۋر (Cotylosauria) دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مېزوزوي ئېراسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئۈچىنچى دەۋرنىڭ باشلىرىدا ئەڭ ئەۋج ئالغان. ساقلانغان تۈرلىرى 12 ئائىلىگە بۆلۈنگەن. تەخمىنەن 240 تۈردىن ئبارەت. كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى تاشپاقىلار ئائىلىسىدىكى (Testudinidae) سارغۇچ تاشپاقا، قىرلىق تېرىلىك تاشپاقىلار ئائىلىسىدىكى (Dermochelidae) قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا، دېڭىز تاشپاقىلىرى ئائىلىسىدىكى ( Chelonidae) دېڭىز تاشپاقىسى ۋە كارتېتا (پالاقلىق تاشپاقا)، يۇمشاق تېرىلىك تاشپاقىلار ئائىلىسىدىكى (Trionychidae) جۇڭگو تاشپاقىسى (يەنى قالقان بېلىق) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.