—参考资料
تاش
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمدە ئۇيغۇرلار <تاش> دېگەن ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنمۇ قوللانغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا يول مۇساپىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن يول بويلىرىغا تاش بەلگە قويۇلاتتى ۋە ئۈستىگە مۇساپە سانى يېزىلاتتى. ھەر بىر بەلگىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن سەككىز چاقىرىم كېلەتتى. ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان <پەن ۋە تۇرمۇش> ژۇرنىلىدا بىر تاش 8.5 كىلومېترغا تەڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بەزى ماتېرىياللاردا يەنە بىر تاش 18 چاقىرىم، يەنى 12 مىڭ قەدەم دەپ كۆرسىتىلگەن. <قەشقەرىيە> دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە تاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مىڭ چامدام ئىكەن، شۇ كىتاب ئاپتورى كروپاتكىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 7 - 9 روسىيە چاقىرىمغا تەڭ ئىكەن. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىغا سۇندۇرغاندا 7.3 - 9.4 كىلومېتر ئارىلىقىدا بولۇپ، تەخمىنەن سەككىز كىلومېتر ئەتراپىدا ئىكەن.
例句
يولنىڭ بېشىغا تاش قويدۇق.
翻译: Yolning bashigha tash qoyduq.
used for milestones
参考资料
领域: ئۇيغۇر چالغۇلىرىبۇ بەزىلەر تەرىپىدىن چاقچۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىككى جۈپ ياپىلاق ئېللىپىسسىمان تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر قولدا بىر جۈپتىن تۇتۇپ، بارماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر - بىرىگە سوقۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئارقىلىق مۇزىكا ئۇدارلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ، خىلمۇ خىل رىتىملاردا چېلىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا تاش ئىشلىتىشمۇ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئۇسلۇبلارنىڭ بىرىدۇر. ئېللىپىسىمان تاشنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 5.1 سانتىمېتىر، ئۇزۇن دېئامېتىرى 10 سانتىمېتىر، قسىقا دېئامېتىرى 6 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
تاش چالغاندا ئۇنىڭ بىرى ئالىقانغا قويۇلىدۇ، يەنە بىرى بارماقلار ئارقىلىق ئالىقاننىڭ ئۇچى تەرىپىگە يېرىم قىستۇرۇلۇپ، بىر - بىرىگە يېنىڭ سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى سۈزۈك، يېقىملىق بولغان رىتىم ئاۋازلىرى چىقىرىلىپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。