Uyghur主要词典
تارىخىي خەمسەئى شەرقىي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىنجاڭ تارىخىغا دائىر ئەسەر بولۇپ، « شەرقتىكى بەش مىللەتنىڭ تارىخى» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ ئەسەرنى چۆچەكتىكى تاتار قۇربان ئەلى خالىدە 1910 - يىلى ئۇيغۇرچە يېزىپ پۈتتۈرگەن. كىتابتا قاراخانىيلار سۇلىسىدىكى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشى ۋە ئىسلام دىنىنى يولغا قويۇش پائالىيەتلىرى، ئاپاق خوجىنىڭ پائالىيەتلىرى، غوجىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراب بولۇشى، قەدىمىي شىنجاڭدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ جايلىشىشى، قازاق، موڭغۇل، ئۆزبېك، تاتار مىللەتلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.