Uyghur主要词典
تارتىلماق
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ئېتىدىن چۈشۈپ كەتمەك، ئېتى تارتىلىپ كەتمەك، ئورۇقلىماق. مەسىلەن: كېسەل بولۇپ بىر ئاز تارتىلىپ قالدىم؛ ئازلاپ كەتمەك. مەسىلەن: ئېرىقتىكى سۇ تارتىلىپ قالدى، كالىنىڭ سۈتى تارتىلىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تارتماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
چوڭ تەيجىبەگنىڭ ئاشلىقىمۇ تارتىلىپ بولدى.
ئۇ ھېلىقى ئالىتوپىلاڭ يىللىرىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلدى.
ئازايماق، يېرىملىماق.
ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى تارتىلدى.
ئورۇقلىماق.
مەرھابا بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى تارتىلىپ قالدى.