Uyghur←Chinese主要词典
تار قۇملۇقى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
塔尔沙漠
tǎ ěr shā mò
پاكىستاننىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى بىلەن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، بارخانلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 30-90 مېتر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىزلىرى 150 مېترغا يېتىدۇ. ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 100 مىللىمتېرغا يەتمەيدۇ، ئەڭ ئىسسىق ئاينىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 48℃-51℃ قا يېتىدۇ. بۇ جايدا پەسىللىك، تۇزلۇق كۆللەر بىلەن قۇرغاق دەريا يوللىرى بار، بۇ جايدىكى خەلقلەر يەر قاتلىمىنىڭ چوڭقۇر قىسىملىرىدىن سۇ چىقىرىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ.