Uyghur主要词典
تارقىلىپ يۈرگەن تەپسىر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تەپسىر قىلىش شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا پەيدا بولغان تەپسىردىن ئىبارەت. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قالغان، ھەدىس توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن تەپسىرلەر، كېيىن ساھابىلار ۋە تابىئىنلار رىۋايەت قىلغان تەپسىرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى پەرقلىق بولغاچقا، مۇھەددىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ تەپسىرلەرنىڭ ئىچىدە توغرا، ئىشەنچلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا توقۇلغانلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېنىقلىدى. شۇڭا بۇنداق تەپسىرلەرگە مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ھۆرمەت قىلغان چاغدا، بەزى ئۆلىمالار ئۇ تەپسىرلەرنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىدىن گۇمانلاندى، ھەتتا بۇنداق تەپسىرلەرگە ئىشەنمىسى؛ ئىشەنچلىك دەپ قارالغانلىرىنىمۇ سۈرە - ھەدىسىلەرنىڭ جۈملىلىرى دائىرىسى ئىچىدە تەپسىر قىلىش كېرەك، دەپ قارىدى. ئىبنى ھەنبەلى: <قۇرئان كەرىم تەپسىرى ۋە جەڭ تارىخى ئاساسسىز نەرسىلەردۇر> دەپ قارىدى