Uyghur主要词典
تارقاتماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يىغىق، توپ نەرسىلەرنى ھەر يەر - ھەر يەرلەرگە بۆلۈۋەتمەك، پۈركىمەك.
يىغماق، توپلىماق
چېچىلاڭغۇ، تارقاق نەرسىلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرمەك، جەملىمەك.
ئاتا - ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالا توخۇدەك چاچىدۇ. يىغساڭ كۆپ، ئۆلچىسەڭ ئاز. تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ. يېمەي - ئىچمەي توپلىغان، توپلىغاننى سېسىتار. يېمەي يىغقاننىڭ يېگۈچىسى چىقار، كىيمەي توپلىغاننىڭ كىيگۈچىسى. كوچىغا سۇ چېچىپ، سۈپۈرۈپ تۇرۇش مەدەنىيەتلىكنىڭ بىر بەلگىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تارقىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئاشۇ كۈنى جەڭچىلەرگە ئەخمەت ئەپەندىم ئۆز قولى بىلەن يېڭى ئۆتۈك تارقاتتى.