Uyghur主要词典
تارلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«تار Ⅰ» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
تار سېلىنغان، تارى بار.
تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«تار Ⅱ» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
ئىچى تارلىق. * ئۆي تارلىق قىلماق. * نېرى يات، بېرى يات دېگەن ئورۇن تارلىقى، نېرى تۇر، بېرى تۇر دېگەن كۆڭۈل تارلىقى (ماقال).
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، كۈندەشلىك. مەسىلەن: ئانا بىر بالىسىنى ئەركىلەتسە، يەنە بىر بالىسى تارلىق قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارلىشىش، تار ھالەت.
ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تارى بار، تار سېلىنغان.
تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى.
تار قىلىنىدىغان، تار قىلىشقا باب.
تارلىق ئۈچەي، تارلىق پولات سىم.