Uyghur主要词典
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مالىيە سودا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
1979 - يىلى 2 - ئايدا قۇرۇلغان. دەسلەپكى دەرىجىسى بۆلۈم دەرىجىلىك ئىدى. 1989 - يىلى مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن. 1992 - يىلى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنغا ئۆستۈرۈلگەن. 1993 - يىلى مەكتەپ شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش
سەۋىيىسىدە لاياقەتلىك مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مالىيە - سودا ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلى، قازاق تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپتە بوغالتىرلىق، مالىيە، تاشقى سودا، باج قاتارلىق 11 كەسىپ ئېچىلغان. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 50667 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 6987 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا، تىل ئۆيى، كومپيۇتېرخانا، تەقلىدى تەجرىبىخانا ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى قاتارلىق بىر قەدەر مۇكەممەل ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىگە ئىگە. مەكتەپ شتاتى 100 نەپەر. 1999 - يىلى ئوقۇتقۇچى سانى 52 نەپەر، ئوقۇغۇچى 642 نەپەر، مەكتەپ 3000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ھەرخىل قىسقا مۇددەتلىك كۇرسانتلارنى تەربىيىلەپ
يېتىشتۈرگەن.