Uyghur主要词典
تارازا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى.
«گىر» ئاشلىق ئۆلچەيدىغىنى.
تارازا ئېغىر - يېنىكلىكىنىڭ ئۆلچىمى، ئەمەلىيەت - ھەق ناھەقلىقنىڭ سىناق تېشى. ئادىل سۆز - ئەقىلنىڭ تارازىسى. جىڭنىڭ گۆشى _ جىننىڭ گۆشى. جىڭدا توختايدىغان گەپنى قىل. مىسقالدا ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ پەرقى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ توققۇزىنچىسىنىڭ نامى.
سېنتەبرنىڭ ئىنگلىزچىسى September بولۇپ، بۇ Septem دىن كەلگەن. بۇنىڭ مەنىسى يەتتىنچى، يەنى يەتتىنچى ئاي ئىكەن. قەدىمكى رىمنىڭ يىلنامىسىدا ئەسلىدە بىر يىل ئون ئاي بولغان، كېيىن ئىككى ئاي قوشۇپ 12 ئاي قىلىنغان. كېيىن قوشۇلغان ئىككى ئاي يىلنىڭ باش تەرىپىگە قوشۇلۇپ 1 -، 2 - ئاي قىلىنغان، بۇرۇنقى ئايلار ئۆز تەرتىپى بويىچە كەينىگە سۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن 7 - ئاي 9 - ئاي بولغان.
9 - ئاي كىچىك ئاي؛ 30 كۈنلۈك.
10 - سېنتەبر جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى.
9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
1825 - يىل 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دۇنيا بويىچە تۇنجى پويىز قاتنىغان.
9 - ئاينىڭ 21 - 22 - كۈنلىرى كۈن - تۈن تەڭلىشىدۇ، ئۇندىن كېيىن تۈن ئۇزىراپ، كۈن قىسقىراپ بارىدۇ.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى ئادىللىق دېگەنلىك بولىدۇ. (1) <قۇرئان كەرىم> دە ئىشلىتىلگەن سۆز. قىيامەت سورىقىدا ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب بولۇپ، <قۇرئان كەرىم> گە ئوخشاش ئاللا تەرىپىدىن نازىل بولغان. <قۇرئان كەرىم> دە يېزىلىشىچە، ھەربىر ئادەمنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىنى پەرىشتىلەر شۇ ئادەمنىڭ ياخشىلىق - يامانلىق دەپتىرىگە يېزىپ ماڭىدۇ. شۇ ئادەمنىڭ ياخشىلىق - يامانلىقلىرى تارازىدا ئۆلچىنىپ جەننەتكە كىرىشىگە ياكى دوزاخقا چۈشۈشىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. (2) بۇ سۆز بەزىدە شەرىئەت ئەھكامىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ بىرخىلى.