Uyghur←Chinese主要词典
تاراسىمېنو كۆلى جېڭى
دۇنيا تارىخى
特拉西米诺湖战役
tè lā xī mǐ nuò hú zhàn yì
ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى 6-ئايدا، گاننىبال كارفاگېن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تراسىمېنو كۆلى ئەتراپىغا كەلگەن. رىم كونسۇلى گايۇفلامىنى تۆت كورپۇس، 30 مىڭغا يېقىن ئادەم باشلاپ كېلىپ جەڭگە كىرگەن، ئۇلار گاننىبالنىڭ پىستىرمىسىغا كىرىپ قېلىپ، ئۈچ تەرىپى تاغ، كەينى كۆل بولغان سايلىقتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھالاك بولغان، فلامىنى ئۆلگەن. بۇ جەڭ گاننىبالنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.