Uyghur主要词典
تارام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
بۆلەك، ھەسسە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارە، پارچە، جۇزئى، ھەسسە، بۆلەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. سۇ تارىلىپ ئاققان جاي؛ ئېقىن.
سان - ساناقسىز جىلغا، تاراملاردىن توپلىنىپ ئېقىپ كەلگەن سۇ مۇشۇ ئامبارغا قۇيۇلاتتى.
سۈپ. تارىلىپ، ئۈزۈلۈپ - ئۈزۈلۈپ ئاققان (سۇ، ياش ھەققىدە).
تىزگىنلەش دېگىنىمىز ئاشۇ تارام سۇنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
قاغىدىن سالام دېدىم، قاغا دېدىمۇ سالام. كۆزۈمدىن ئاققان ياشىم، ئايرىلىپ توققۇز تارام. غېرىپلىق يەتتى بىزگە، مېھرىبان جانىم ئانام.