Uyghur主要词典
تاق تۇياقلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
چوڭ تىپتىكى ئوت - چۆپ يەيدىغان تۇياقلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن ئىبارەت. ئېغىرلىقى ئاساسەن تەرەققىي قىلغان ئۈچىنچى بارمىقىغا چۈشىدۇ. قالغان بارماقلىرى رودىمېنىتلاشقان ياكى يوقالغان؛ بارمىقىدا تۇيىقى بار بولۇپ، يۈگۈرۈشكە قولايلىق، بارمىقى تاق بولغاچقا شۇنداق نام ئالغان. كۈرەك چىشلىرى ئوت - چۆپلرنى كېسىشكە ماسلاشقان، قوزۇق چىشى رۇدىمېنتلاشقان، ئېزىق چىشلىرىنىڭ چايناش يۈزىدە مۇرەككەپ قىرلار بولىدۇ، ئاشقازىنى ئاددىي، كۆشىمەيدۇ، ئوقۇرەك سۆڭىكى يوق. ھەممىسى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئائىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاتىلار ئائىلىسى (Fquidae) ئاساسلىقى ئۈچىنچى بارمىقى تەرەققىي قىلىپ، قالغان بارماقلىرى رودىمېنتلاشقان، بويۇن تۆپە ئوتتۇرا سىزىقىدا بىر قاتار يالى بار، پۇتى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، يۈگۈرۈشكە ئىنتايىن ماھىر، كۈرەك چىشى ئىسكىنە شەكلىدە ياۋا ئات، ياۋا ئېشەك قاتارلىقلار؛ كەركىدارنلار ئائىلىسى (Rhinocerotidae)، ئالدى - كەينى پۇتلىرىنىڭ ھەر قايسىسىدا ئۈچتىن تەرەققىي قىلغان (ئېغىرلىق كۆتۈرىدىغان) بارماقلىرى بولىدۇ، باش چوققىسىدا 1 - 2 مۈڭگۈزى بولۇپ، تۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن تىپقا كىرىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئاسىيا كەركىدىنى بار؛ تاپىرلار ئائىلىسى (Tapiridae)، ئالدى پۇتىدا تۆت بارمىقى، كەينى پۇتىدا ئاران ئۈچ بارمىقى بولىدۇ، بەدەن شەكلى كەركىدانغا سەل ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن نىسبەتەن پاكار، كىچىكرەك، قۇيرۇقى ناھايىتى كالتە، بۇرنىنىڭ ئۇچىدا مۈڭگۈزى يوق، بۇرنى ئالدىغا خېلى ئۇزارغان بولۇپ ئەركىن ئۇزىراپ - قىسقىرالايدۇ. يۇمران يوپۇرماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلار ئاساسەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئاسىيا تاپىرى ياشايدۇ.