Uyghur主要词典
تاقەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈچ، قۇۋۋەت، چىدام، بەرداش، سەۋر:
كۆرمەسەم بىردەم ئانى ئارامۇ تاقەت يوق ماڭا،
نەۋبەتى قىلسام جانىم باشىغە ئىسار ئالدىدا.
نەۋبەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىرىماي كۈتمەك، ئۆزىنى تۇتۇۋالماق.
تاقتى تاق بولماق. سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار. سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن. سەۋرنىڭمۇ چېكى بار . سەۋر قاچىسى توشماق. زېرەك ۋە دانادۇر شۇ ئادەم، سەۋر - تاقەت قىلسا ئېغىر دەردتە ھەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
چىداشلىق، بەرداشلىق بېرىش قابىلىيىتى؛ چىداملىق، غەيرەت.
تاقىتى بار. تاقەت قىلماق.
شەرىخاننىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋېرىشكە تاقىتى قالمىغانىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سەۋرى؛ كۈچ، ئېنېرگىيە