Uyghur主要词典
تاقا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئات - ئۇلاغلارنىڭ تۇيىقىغا قېقىلىدىغان تۇياق شەكىللىك تۆمۈر.
تاقىچى، تاقىچىلىق. * تاقىلىماق. * توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا (ماقال). * مىخنى ئايىساڭ تاقىدىن ئايرىلىسەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تاقىماق، تاقاش. 1 . ياپماق، ئەتمەك.
ئىشىكنى تاقىماق. * زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان كاخانىلارنى تاقاش كېرەك.
2 . يېقىن تەگكۈزمەك، تېرىكمەك. ئۈستەلنى تامغا تاقاپ قوي. * بىر ۋاقىتلاردا سەللە بىر ئىش بولسا، ئىدىيەڭگە تاقا، دەپ تولىمۇ ئاۋارە قىلىدىغانىدى.
3 . يېقىنلاپ كەلمەك. بۇ يىل مەن 60 ياشقا تاقاپ قالدىم.
4 . ئاسماق، سالماق: «تاقⅡ » گە ئوخشاش. ئۈزۈك تاقىماق. * ھالقا تاقىماق.
5 . قادىماق. تۈگمە قادىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
ئەتلەس، بەقەسەملەرنىڭ ھەر بىر توپى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
تۆت تاقا ئەتلەس ئالدىم. * بەش تاقا بەقەسەم ئالدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئات - ئۇلاغلار تۇيىقىنىڭ ئاستىغا قېقىلىدىغان دۈگىلەك تۆمۈر.
ئەتلەس توقۇشتا چۆرنەكنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تاقا شەكىللىك سايمان.
كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئۇرچۇق، كىرتىك ۋە موكىلىرىنى قاچىلاش قازىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر جۈپ ئەتلەس ياكى بەقەسەمنىڭ ھەربىر بۆلىكى.
سىيىت خوجا پەتنۇستىكى بىر جۈپ تاقا بەقەسەمنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتى.