Uyghur主要词典
تاپان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
«تابان 1» غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۆگىتاپىنى.
ئۆسۈملۈك.
1 - 520
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سەككىز دوزاخنىڭ ئالتىنچىسى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تاپات ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. پەقەت ئۆلچەش بىئەپ بولغان جايلاردىلا تاپان ئۆلچىمى ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن تۇرپاندا كارىز تېگىنىڭ كەڭلىكى تاپان بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا تونۇر قويغاندا (سېغىز لاي بىلەن تونۇر ياسىغاندا) تونۇر تۈۋىنىڭ دىئامېترى تاپان بىلەن ئۆلچىنىپ <مانچە تاپات چوڭلۇقتىكى تونۇر> دېيىلىدۇ. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا بىر ئاياق (تاپان) 34 سانتىمېترغا تەڭ دەپ ئىزاھلانغان (<ئوكيانۇس> <تۈركچە>، Ⅲ توم، 2233 - بەت).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇت ئاستىنىڭ ئارقا قىسمى.
تاپىنى يېرىلماق، تاپىنى ئاغرىماق
ئاياغ كىيىمنىڭ شۇ جايغا توغرا كېلىدىغان قىسمى.
ئۆتۈكنىڭ تاپىنى تېشىلمەك. ئۆزەڭگىنىڭ پۇتنىڭ ئاستى تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى.
قايچا، لاخشىگىر قاتارلىقلار تىغىنىڭ قارشى تەرىپى.
كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ بېسىم ئوقىغا بېكىتىلىدىغان ۋە رەختنى بېسىپ تۇرىدىغان دېتالى.
قارتا ئويۇنىدىكى شەكلى تاپانغا ئوخشايدىغان قىزىل رەڭلىك بەلگە ۋە شۇ خىل بەلگىگە ئىگە قەغەز.