Chinese→Uyghur主要词典
陶片放逐法
دۇنيا تارىخى
ساپال پارچىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلى
<قۇلۇلە قېپى بويىچە سۈرگەن قىلىش ئۇسۇلى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى ئافىنا پۇقرالىرى يىغىنىدىكى بىرخىل ئالاھىدە ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن كلېستېنېس ھاكىمىيەت مەزگىلىدە تۇرغان مەزگىلدە (ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك) مەيدانغا كەلگەن. ئۇ زوراۋانلار سىياسىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. يەنى ھەريىلنىڭ بېشىدا پۇقرالار يىغىنى ئېچىلغاندا، بازار سودىسى ۋە باشقاپائالىيەتلەر پۈتۈنلەي توختىتىلىپ، ئافىناپۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان. يىغىندا ئالدى بىلەن پۇقرالاردىن ساپال پارچىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىشنى يولغا قويۇش زۆرۆر - زۆرۆر ئەمەسلىكى سورالغان، ئەگەر كۆپ ساندىكىلەر زۆرۆر دەپ ھېسابلىسىا، ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈلگەن. بۇ يىغىندا پۇقرالار دۆلەتكە (دېموكراتىيە تۈزۈمىگە) زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئادەم ئىسمىنى ساپال پارچىسىغا يازغان؛ مەلۇم ئادەمگە بېرىلگەن ئاۋاز سانى يېرىمدىن ئېشىپ كەتسە، ئادەتتە 6000 ئاۋازغا يەتسە (10 مىڭ دىگەن گەپمۇ بار)، 01 يىل چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان، لېكىن مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمىغان. مۇددىتى توشقاندا ( بەزىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن) ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇپ، پۇقرالىق سالاھىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. كېيىن ھەرقايسى سىياسىي گورۇھلار خۇسۇسىي مەنپەئەتنى دەپ دائىم بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى چەتكە قېقىش مەقسىتىگە يەتكەن. ئافىنادىكى بەزى مەشھۇر سىياسىئونلار ۋە گېنىراللار، مەسىلەن، مىلتىئادېس، تېمىستوكلېس، ئارستېدېس، سىمون قاتارلىقلار سۈرگۈن قىلىنغان. قەدىمكى يۇناننىڭ باشقا شەھەر بەگلىكلىرى (مەسىلەن، ئارگوس) دىمۇ بۇ تۈزۈمنى يولغا قويغۇچىلار بولغان.